招生工作

当前位置

شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى خەلقئارا مائارىپ ئىنىستىتوتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى
发布日期:2017-07-11       发布人:       来源:国际教育学院

شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى خەلقئارا مائارىپ ئىنىستىتوتى 2010-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق رولى مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپ تۈرى ۋە جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ قۇرۇش تۈرى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە شۇ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئىنىستىتوتىمىزغا كېلىپ ئوقۇغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار 1000 دىن ئاشتى. ھازىر ھەريىلى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچى 200دىن ئاشىدىغان بولۇپ، 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپى پەيدىنپەي ئۆلچەملىشىشكە قاراپ مېڭىپ، مەكتىپىمىزنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ۋە كۆپ خىللاشقان مەكتەپ قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ھازىر ئىنىستىتوتىمىزدا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا مائارىپ تولۇق كۇرس سىنىپى ئەنگلىيەنىڭ ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى باسقۇچلۇق دەرسلەرنى كىرگۈزگەن بولۇپ، چەتئەلنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلغان ۋە دەرسلىكلەر ھەم باشقۇرۇش شەكلىنى كىرگۈزگەن ئاساستا مەكتىپىمىزنىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ خەلقئارالىق ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھازىر تەسىس قىلىنغان كەسپلەردىن خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا كەسپى، ئادەم كۈچى ۋە بايلىق باشقۇرۇش كەسپى، ساياھەت باشقۇرۇش كەسپى قاتارلىقلار بار.

-2014يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەكتىپىمىز روسىيە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىك ئۇنۋېرستېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەسىس قىلغان قاتناش ترانسپورت (ماددىي ئەشيا قۇرۇلۇشى يۆنىلىشى) كەسپى بويىچە ھەمكارلىق ئوقۇتۇش تۈرىگە رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلاندى. بۇ شىنجاڭدىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان تولۇق كۇرس يۇقىرى قاتلىمىدىكى جۇڭگو-چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى تۇنجى ئوقۇتۇش تۈرى.

خەلقئارا مائارىپ ئىنىستىتوتى داۋاملىق تىرىشىپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار مائارىپى ۋە ھەمكارلىق ئوقۇتۇش تۈرىنى كېڭەيتىپ، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئوقۇتۇش شارائىتى ھازىرلاپ، چەتئەلنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ مەنبەلىرىنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلەك تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

  

  

كەسپ تونۇشتۇرۇلۇشى:

ئادەم كۈچى ۋە بايلىق باشقۇرۇش كەسپى

كەسپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بۇ كەسپ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىدىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئىلمى، ئىقتىساد ئىلمى، قانۇن، جەمىيەتشۇناسلىق قاتارلىق ئاساسلىق نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، چەتئەلدىكى ئىلغار بولغان ئادەم كۈچى ۋە بايلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ماھارىتى جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلقئارالىق مۇھىت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشالايدىغان، سىستېمىلىق ھالدا باشقۇرۇش، ئىقتىساد، قانۇن ۋە ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ۋە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئادەم كۈچى ۋە بايلىق باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتۇشى تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە مەخسۇس ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

ئاساسلىق دەرسلەر: ئادەم كۈچى ۋە قۇرۇلما باشقۇرۇش، ئىقتىساد ئىلمى،  مىكرو ماكرو نەزەرىيە ۋە قوللىنىلىش، ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش، خادىم تەربىيەلەش ۋە ئېچىش، ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ سودىدىكى رولى، سودا مەدەنىيىتى ۋە ئىستراتىگىيەسى، سودا سىتاتىستىكىسى، ئۈنۈم باھالاش ۋە باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشى، مائاش لاھىيەلەش ۋە باشقۇرۇش.

تەربىيەلەش نىشانى:بۇ كەسىپ يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلقئارالىق مۇھىت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشالايدىغان، سىستېمىلىق ھالدا باشقۇرۇش، ئىقتىساد، قانۇن ۋە ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ۋە ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، نۆۋەتتىكى ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان، ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق باسقۇچلىرىنى پىششىق بىلىدىغان، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئادەم كۈچى ۋە بايلىق باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە ئوقۇتۇشى تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان سودا سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە مەخسۇس ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

خىزمەت قىلىش يۆنىلىشى:ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، ئەمگەك، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە سەھىيە تارماقلىرىدا، ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرى قاتارلىق پاراۋانلىق ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا، جۇڭگو-چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىجتىمائىي كاپالەت، سىتراتىگىيە تەتقىقاتى، مەمۇرى باشقۇرۇش، ئىجتىمائىي رايۇن تەرەققىياتى ۋە باشقۇرۇشى، جەمىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەشغۇلاتى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. يەنە مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق جايلاردا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ۋەياكى ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

ئوقۇش مۇددىتى: 4يىل

بېرىلىدىغان ئوقۇش ئۇنۋانى: باشقۇرۇش پەنلىرى باكلاۋۇرى ، ئەنگىلىيە ئالىي مائارىپ دىپلومى

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991- 8764631

  

  

  

  

  

خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا

كەسپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:بۇ كەسپ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىدىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارالىق ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئىلمى، ئىقتىساد ئىلمى قاتارلىق ئاساسلىق نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، چەتئەلدىكى ئىلغار بولغان ھازىرقى زامان خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە ماھارىتى جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، ياخشى بولغان كەسپى ئەخلاققا ئىگە بولغان، ساغلام تەنگە ئىگە بولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاقە ئىقتىدارى ياخشى بولغان، مۇشۇ كەسپنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، ئۇنۋېرسال ۋە كەسپى ساپاسى يۇقىرى بولغان، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، كەسپى تەرەققىيات ئاساسى بولغان، كەسپچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

ئاساسلىق دەرسلەر: ئىقتىسادشۇناسلىقتىن بايان، ئىقتىساد ئىلمى،  مىكرو ماكرو نەزەرىيە ۋە قوللىنىلىش، سودا بوغالتىرلىقى، دۇنيا ئىقتىسادى، خەلقئارالىق سودا ئىلمىدىن بايان، خەلقئارالىق سودا ئەمەلىيىتى، سودا قانۇنىدىن بايان، خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە، ھېسابلاش ئىقتىسادشۇناسلىقى، خەلقئارالىق ماددىي ئەشيا ئوبوروتى، ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ سودىدىكى رولى، سودا خامچوتى، سودا مەدەنىيىتى ۋە ئىستراتىگىيەسى، سودا سىتاتىستىكىسى،  ھازىرقى زامان كارخانا باشقۇرۇشى، خەلقئارالىق ئىقتىساد ھەمكارلىقى، بۈگۈنكى زامان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىيسى.  

تەربىيەلەش نىشانى: بۇ كەسىپ يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلقئارالىق مۇھىت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشالايدىغان، سىستېمىلىق ھالدا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە خەلقئارالىق سودىنىڭ بىلىملىرىنى ئىگەللىگەن، خەلقئارالىق سودىنىڭ ئاساسلىق بىلىملىرىنى ئىگەللىگەن، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان، خەلقئارالىق سودىنىڭ قائىدىسى ۋە جۇڭگونىڭ سودا سىياسىتىنى بىلىدىغان، ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان ياخشى بولغان كەسپى ئەخلاققا ئىگە بولغان، ساغلام تەنگە ئىگە بولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاقە ئىقتىدارى ياخشى بولغان، مۇشۇ كەسپنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، ئۇنۋېرسال ۋە كەسپى ساپاسى يۇقىرى بولغان،  كەسپى تەرەققىيات ئاساسى بولغان، كەسپچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلەش تىپىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.  

خىزمەت قىلىش يۆنىلىشى: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد سودا تارماقلىرىدا خەلقئارالىق سودا ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش ھەمدە خەلقئارالىق ئىقتىساد ستراتىگىيىسىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىلەن؛ جۇڭگو-چەتئەل كارخانىلىرىدا ۋە چەتئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سودا جەمىيەتلىرىدە، جۇڭگو-چەتئەل پۇل مۇئامىلە سۇغۇرتا تارماقلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا سىرتقا قارىتا سېتىش، تاشقى سودا، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تاموژنىغا تىزىملاش، چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك سودا ۋاكالەتچىلىكى، يۈك ترانسپورت ۋاكالەتچىلىكى، سودىدىن مەسلىھەت بېرىش، سودا كاتىباتلىقى، سودا تەرجىمانلىقى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ؛ يەنە مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق جايلاردا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ۋەياكى خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا كەسپى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

ئوقۇش مۇددىتى: 4يىل

بېرىلىدىغان ئوقۇش ئۇنۋانى: ئىقتىساد پەنلىرى باكلاۋۇرى ، ئەنگىلىيە ئالىي مائارىپ دىپلومى

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991- 8764631

قاتناش ترانسپورتى (ماددىي ئەشيا قۇرۇلۇشى يۆنىلىشى)

كەسپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بۇ كەسپ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارادىكى مائارىپ ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىدىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  قاتناش ترانسپورتى ۋە ماددىي ئەشيا ئوبروتى بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارالىق ئالاقە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قاتناش ترانسپورتى، ماددىي ئەشيا ئوبروت ئاساسى بىلىملىرى يول ئاساسى، بىرلەشمە ترانسپورت، ترانسپورت ئامبىرى ۋە تاموژنا باشقۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىستېمىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئىگەللەپ، چەتئەلدىكى ئىلغار بولغان ھازىرقى زامان ماددىي ئەشيا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە ماھارىتى جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، خەلقئارالىق ئوبروت مۇھىتىغا پىششىق بولغان ۋە ئالاقە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان، ماددىي ئەشيا ئوبروتى تەرەققىيات ستراتىگىيە تەتقىقاتى، ئوبروت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش، ئوبروت كارخانىلىرىنىڭ ئوبروت سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش، ئوبروت سىستېمىسى مەسىلىلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش، ئوبروت ئۇچۇر سىستېمىسىنى باشقۇرۇش، ئوبروت تۈرىنى باشقۇرۇش، ترانسپورت لاھىيەسى تۈزۈش، ئامبار باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئەمەلى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

ئاساسلىق دەرسلەر: قاتناش ترانسپورتى كەسپىنىڭ ئورتاق دەرسلىرىدىن باشقا، يۈرۈشتۈرۈش ئىلمى، يول ئاساسى، ماددىي ئەشيا ئوبروت ئاساسى، قاتناش ترانسپورت قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، ترانسپورت مىخانىكىلىرىنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، بىرلەشمە ترانسپورت، ترانسپورت ئامبىرى ۋە تاموژنا باشقۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق نەزەرىيە دەرسلىرى ئۆتۈلىدۇ. شۇ ئارقىلىق، قاتناش ترانسپورتى ۋە ئوبروت قۇرۇلۇشى تۈرىنى پىلانلاش ۋە لاھىيەلەش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈلىدۇ.   

تەربىيەلەش نىشانى: بۇ كەسىپ ئوبروت قۇرۇلۇشى ساھەسىدە مۇستەھكەم نەزەرىيە ئاساسى بار بولغان، ياخشى بولغان قوش تىل ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن، ئوبروت ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش، ئوبروت سىستېمىسىنى پىلانلاش ۋە باھالاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئوبروت مۇھىتىغا پىششىق بولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئالاقە ئىقتىدارى ياخشى بولغان، ماددىي ئەشيا ئوبروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پىلان خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان، ئوبروت كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش، ئوبروت سىستېمىسىنى پىلانلاش، ئوبروت سىستېمىسى مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئوبروت ئۇچۇر سىستېمىسىنى لاھىيەلەش ۋە باشقۇرۇش، ئوبروت تۈرىنى باشقۇرۇش، ئامبار باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئەمەلىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.  

خىزمەت قىلىش يۆنىلىشى: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، ماددىي ئەشيا ئوبروت، ترانسپورت تارماقلىرىدا ترانسپورت باشقۇرۇش، سودا ماددىي ئەشيا باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا؛ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئوبروت باشقۇرۇشى، سېتىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا؛ يەنە قۇرۇلۇش پىلانلاش ئورۇنلىرىدا، مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق جايلاردا تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ۋەياكى قاتناش ترانسپورت كەسپى بويىچە ئۆرلەپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

ئوقۇش مۇددىتى: 3يىل(شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى)+2يىل (روسىيە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىك ئۇنۋېرستېتى)

بېرىلىدىغان ئوقۇش ئۇنۋانى: قۇرۇلۇش پەنلىرى باكلاۋۇرى ، (جۇڭگو روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلومى)  

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991- 8764631

  


学院简介 | 机构设置 | 大事记 | 联系我们
Copyright ◎ 2011 新疆农业大学国际教育学院 All Rights Reserved Designed 管理